خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم نىشانى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى تېز سۈرئەتتە يوق قىلىش بولۇۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يەر ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 29-ماي كۈنى «يۈكسىلىۋاتقان كەشمىر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئاجاز ۋانى ئىمزاسىدىكى مەخسۇس ماقالە ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بەكمۇ زور بولغان ئۇيغۇرلار دىيارى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداشتىمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا ئىكەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئېرىتىپ تۈگىتىشتە قىلچىمۇ ئىككىلىنىپ ئولتۇرماستىن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تالان-تاراج سىياسىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە پايدىلىق بەلگىلىمىلەرنى كۆپلەپ ئىجرا قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىش خاھىشى كۈچىيىپ ماڭغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «2-قېتىملىق مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ئىچىدە «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە زەربە بېرىش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە ئېرىتىپ تۈگىتىشنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەن.
ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر كىملىكىنى يوق قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ 1949-يىلىلا باشلانغانلىقىنى، نەتىجىدە ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نوپۇسنىڭ ئالتە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلارنىڭ 2010-يىلىغا كەلگەندە 44 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 2010-يىللارغىچە بولغان تۈرلۈك ناملاردىكى سىياسىي ھەرىكەتلەردە بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇ يەنە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ نۆۋەتتە «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تارىختىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ياكى «بارېن ۋەقەسى»، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دېگەندەك ۋەقەلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى مەزگىلىدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر ھالەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى شەرھلەيدۇ. ئاپتور ئاخىرىدا «ھازىرقى دىنىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى زۇلۇم داۋام قىلىۋەرسە بۇ رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا يېڭى ئۆزگىرىش ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ھەمدە قىسقىغىنە مەزگىلدىلا ئۇيغۇرلار كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىكى شەيئىگە ئايلىنىپ قالىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.