ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى خىتاينى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىز ‏- دېرەكسىز غايىب بولغانلار ئاقىۋىتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇتۇپ كەتكەن نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇلارنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتىغا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە 198 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆلگەن ۋە ئىز‏-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مىڭلارغا يېتىدۇ.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلارنى تولۇق ئېلان قىلىشقا چاقىرىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى چەكلەشكە چىقىرىلغان يېڭى قانۇن -تەدبىرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن.

باياناتتا يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» نىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيتوپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر) خىتاي( ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئەزاسى بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، ئۇ چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى تەكشۈرۈشى، غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا مەلۇمات بېرىشى كېرەك.»

كېلەر ھەپتە «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 7 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىدۇ. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» مەزكۇر ۋەقەنىڭ 7 يىللىقى ھارپىسىدا بۇ باياناتنى ئېلان قىلدى.