ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.09.23

ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى جەريانىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈستىگە قويغانلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرى جورج ئوسبورن 23-سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەنگلىيەنىڭ «ئۈرۈمچى، جۈملىدىن پۈتۈل شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقەررەر قوللايدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، ئەنگلىيە مالىيە ۋازارىتى يازما باياناتىدا ئوسبورننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېمىگەن.

ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇملار تازا ئەۋجىگە چىققان، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگىنىگە بىر يىل توشقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەنگلىيە بۆلۈمى دىرېكتورى كېيت ئاللېن: ئوسبورننىڭ ئىلھام توختى دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى، ئەنگلىيە كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلىشقا رازىدەك سىگنال بەردى، دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ ئوسبورن ئەپەندىنى ئەيىبلەپ: خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق باستۇرۇشىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىمەسلىك كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىش بولدى، دېگەن.

ئوسبورن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا ئۈندىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.