19-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مائارىپ خىزمەت يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2016-يىلى يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان مەزكۇر 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللەت نىسبىتى ۋە باشقىلار ھەققىدە كونكرېت توختالمىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ كومىتېتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ، قوش تىل مائارىپىنى 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش، مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىش، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.
خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى لياڭ 2016-يىللىق مائارىپ پىلانى ھەققىدە توختىلىپ، مائارىپنىڭ سىياسىي تەلىپىنى كۈچەيتىشنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ يەنىلا مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونى مائارىپ دائىرىلىرى 2020-يىلىغىچە، يەنى 13-بەش يىل مەزگىلىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ قوش تىل مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش، خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىل مائارىپىدا تەربىيىلىنىش نىسبىتىنى 90% تىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. 2015-يىلىغىچە، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت قوش تىللىق يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سانى 2 مىليونغا يەتكۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئەمەلىيەتتە يەككە تىللىق يەنى خىتاي تىللىق مائارىپ ئىكەنلىكىنى، باشلانغۇچتىن تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق تەبىئىي پەن ۋە بىر قىسىم ئىجتىمائىي دەرسلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇلۇش نەتىجىسىدە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ راۋاجلىنىشقا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بەربات بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.