دائىرىلەر جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ھەقسىز مائارىپنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە داۋراڭ سالماقتا

خىتايدا چىقىدىغان «ئۇچۇر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل مايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يولغا قويغان ھەقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە يەنە داۋراڭ سېلىشقا باشلىغان.

بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ھەقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىپ 5 ئاي ۋاقىت ئۆتمەستىنلا جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىدەك سىياسىي تەشۋىقاتلىرى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسىدا قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 2010-يىلىدىن بۇرۇنقى يۇقىرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنىڭ ئاران 23% ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى، يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە بۇ نىسبەتنىڭ 60% كە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

ئانالىزچىلار مىللەت تەۋەلىكى ۋە باشقا ئىشەنچلىك تەپسىلاتلىرى كۆرسىتىلمىگەن بۇ مائارىپ ستاتىستىكىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالدىن كۆرە قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق تەشۋىقاتقا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.