ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بولغان «خەلقئارالىق ئاممىۋى رادىيوسى» 12-ئاۋغۇست كۈنىدىكى دۇنيا خەۋەرلىرى سەھىپىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بەردى.
پروگراممىدا خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغان ناخشىچى ئابلاجان ئايۇپ، كىيىم-كېچەك مودېلى مەردان غاپپار قاتارلىقلار مىسال قىلىنىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇتقۇن قىلىش كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرىگە سوزۇلغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
رادىيو پروگراممىسى ئۈچۈن فىرانسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر سەنئەتكار، فىلىم ئىشلىگۈچى مۇقەددەس مىجىت زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يۇقىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان سەنئەتكارلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ «قىزىل سىزىقلىرى» نى چوڭقۇر ھېس قىلغان ۋە شۇ سىزىقتىن ئاتلاپ ئۆتمەسلىككە دىققەت قىلغان ئاساستا ئۆزىنىڭ سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مانا مۇشۇنىڭدىن بىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز.»
«خەلقئارالىق ئاممىۋى رادىيوسى» ئاڭلىتىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن رايوننى تەدرىجىي ھالدا ھەربىيلەشتۈرگەنلىكى ۋە ئاقىۋەتتە مىليونلىغان كىشىنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيتىىنىڭ توشۇغۇچىلىرى ھازىر لاگېرلاردا ياكى قاتتىق بېسىم ئاستىدا بولغانلىقتىن، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسون پروگراممىدا قىلغان سۆزىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت تەقەززاسىنىڭمۈ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
بىراق ئەلىس خانىم يەنە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چەتئەللەردە كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار يېتەرلىك ئىقتىسادىي قوللاش بولمىغانلىقتىن ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
مۇقەددەس مىجىت خانىم بولسا بىر مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغاندىلا ئاندىن داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى ياشىتىدىغان، ياشنىتىدىغان ئاساسلىق مەدەنىيەت توشۇغۇچىلىرى لاگېرلاردا چىرىپ كېتىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇنى چەتئەللەردىكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق داۋام قىلدۇرۇشنىڭ ناھايىتى زور بىر رىقابەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە مۇشۇ بايانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۇچراۋاتقان خەۋپنىڭ قانچىلىك زورلۇقىنى يورۇتۇپ بەرگەن.