يېقىندا Bitter Winter(زىمىستان) تورىدا «شىنجاڭ، تىبەت ۋە موڭغولىيەدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ تىلى، ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا جان-جەھلى بىلەن كۈچەۋاتقانلىقى، چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغان مىللەتلەر سىياسىتىدىن ئىبرەت ئالماقچى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدىن ئىبارەت بۇ ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يېقىنقى مەزگىلدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى تامامەن ۋەيران قىلىنماقتىكەن. ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش، ئەمگەككە سېلىش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىش قاتارلىق قەبىھ جىنايەتلەر ئاللىقاچان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى ئىسمى جىسمىغا لايىق رەۋىشتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېيىشكە بولىدىكەن. شى جىنپىڭ ھوقۇقتىن چۈشمىگەن مۇددەتچە بۇ قىرغىنچىلىق داۋام قىلىدىكەن.
ماقالىدە بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ ۋە باشقا بىر قىسىم خىتاي رەھبەرلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ گۇمران بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى ئۇلاردىكى مىللىي سىياسەتنىڭ خاتالىقىغا باغلىغان. ئەسلىدە ئۇ دۆلەتلەردە مىللەتلەر ئېتىراپ قىلىنغان، مىللىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان. ماۋ زېدۇڭمۇ خىتايدىكى چوڭ مىللەتلەرنى ئېتىراپ قىلىپ، مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتى يۈرگۈزگەن. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك رايونلار مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي رەھبەرلىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى خۇ ئەنگاڭ 2011-يىل «2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بۇنى قوللىغان ۋە 2014-يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشنى باشلىغان. بۇ يېڭى سىياسەتتە مىللەت پەرقىنى ئاجىزلىتىش ياكى يوقىتىش، بارچە مىللەتنى جۇڭخۇا مىللىتى دېگەن نام ئاستىدا تامامەن خىتايلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ ئەمەلىيەتتە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشكە باشلىغان.