دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەھبۇسلار ئىسلاھاتى مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ 2008-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت بىخەتەرلىك مەھبۇسلىرى ئىسلاھاتى مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 25‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن بىلەن باشقۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2008‏-يىلى دوكلات تەييارلاپ، رايوندىكى تۈرمىلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەھبۇسلىرىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە دۇچ كەلگەن خىرىسلارنى قانداق ھەل قىلىش، مەھبۇسلارنى قانداق ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىسلاھات پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتنىڭ دەسلەپكى 2 پاراگرافىدا تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالى، مەھبۇسلارنىڭ پسىخولوگىيەلىك بىئوگرافىيەسى مۇھاكىمە قىلىنغان. ئاخىرقى 2 پاراگرافىدا دۆلەت بىخەتەرلىك مەھبۇسلىرىنى قانداق ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان، سوتلانغان، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سالمىقى داۋاملىق ئېشىپ بارغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، 2008- يىلى ئۇيغۇر ئىلى خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 72 پىرسەنتىنى، مەھكۇملارنىڭ 82 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.

2013-ۋە 2014-يىللىرىدا ھەر يىلى 300 ئەتراپىدا كىشىگە 1 ‏-سوت ئېچىلغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نوپۇسى خىتاي نوپۇسىنىڭ 2% گە يەتمىسىمۇ، بىراق شۇ خىل جىنايەت بىلەن سوتلانغان مەھبۇسلارنىڭ 50 پىرسەنتى بۇ رايوندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئەھۋال رايوننىڭ مۇرەككەپ تارىخىي، ئېتنىك، دىن، مەدەنىيەت پەرقى ۋە سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن ئالاقىداركەن.