ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان يۈز مىڭلىغان تۇتقۇننىڭ مەخپىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ 500 مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇننى شەنشى، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل ۋە خېيلوڭجياڭ قاتارلىق ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ جىددىي ئورۇنلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇ كىشى «نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرى خەلقئارانىڭ زور دىققىتىنى قوزغاۋاتىدۇ. شۇڭا بىز يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ كىشىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقاقلاشتۇرۇۋاتىمىز. شۇنداق بولغاندا تەكشۈرگىلى كەلگەنلەر ھېچقانداق لاگېرنى كۆرمەيدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل سېنتەبىردە قەشقەردىن يۆتكەلگەن زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تۇتقۇنلار قەتئىي مەخپىي شەكىلدە يۆتكەلگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 10 يىلدىن 20 يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئەرلەر ئىكەن. بۇ جەرياندا خىتاي ساقچىلارنىڭ ساقچى فورمىسىدىكى نومۇرلار، ئاپتوبۇسلاردىكى نومۇر تاختىلىرى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلگەن. يۆتكەش خىزمىتىگە قاتناشقان ساقچىلار مەخپىيەتلىكنى قەتئىي ساقلاش كېلىشىمىگە قول قويغان. بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان ساقچىلارنىڭ ئۈچ يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. تۇتقۇنلارغا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، ئاپتوبۇسلارنىڭ دېرىزىلىرى پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەن. ساقچىلار ھەتتا يۆتكەش خىزمىتى جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك تەلەپپۇزىنىڭ ئاشكارا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سۆز قىلىش ئورنىغا ئۆزئارا قول ئىشارىسى ئىشلەتكەن. مەھبۇسلارنىڭ يېڭى مۇھىت بىلەن تونۇشۇۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار يېڭى تۈرمىلەرگە ئاخشىمى ئېلىپ كېلىنگەن. تۈرمىنىڭ ئىسمى، تۈرمە ئىچىدىكى مەزكۇر تۈرمىنىڭ قايسى تۈرمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھەرقانداق بەلگە بىردەك ئېلىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ تۇتقۇنلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.
ئۇيغۇر تۇتقۇنلار يۆتكەلگەن تۈرمىلەردىكى ساقچىلاردىن بىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ: «پۈتۈن تۈرمىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكى نەچچە ھەسسە كۈچەيتىلدى. بۇ جايدىكى تۇتقۇنلار تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن. ئۇلار بۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۈرمىلەردىكى ساقچىلار ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قانداق باشقۇرۇش بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن ئىكەن. بۇ جەرياندا ئۇلار ئاساسلىقى قانداق قىيناش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن. بۇنىڭ كەڭ ئومۇملاشقان بىرى توك كالتىكى بىلەن ئۇرۇش بولۇپ «مەن جۇڭگولۇق. مەن دۆلىتىمنى قىزغىن سۆيىمەن» دېمىگەن ھەرقانداق ئۇيغۇرنى توك كالتىكى، توك پەلەي، توك چاپان دېگەنلەر بىلەن قىينايدىكەن. بۇ جەرياندا بەزىلەر ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
يېڭى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا 24 سائەت كويزا ۋە ئىشكەل سېلىنىدىغان بولۇپ، تاماق ياكى ئۇيقۇ مەزگىلىدىمۇ ئېلىۋېتىلمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشى، ناماز ئوقۇشقا ئوخشاپ قالىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتتە بولۇشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدىكەن. ساقچىلاردىن بىرى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا: «قارىغاندا دۆلىتىمىز بۇ مىللەتنى يوق قىلىۋېتىشنى ئويلاۋاتقان ئوخشايدۇ. ھازىرقى بۇ باشقۇرۇش ۋە مەخپىيەتلىك ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ» دېگەن.