«ئۇيغۇر ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى» ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەش دەۋاسىغا ئارىلىشىدىكەن

كانادادا پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان «ئۇيغۇر ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى» كانادا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلىنغان ماللارنىڭ كاناداغا كىرىشىنى توسماقچى بولۇۋاتقان مۇساپىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي دېلوغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

كانادانىڭ چولپان گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىكانادادىكى «جىددىي ئېھتىياجلىق مۇساپىرلارنى قوللاش (CSRDN) تەشەببۇسى» دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلات تەرىپىدىن باشلانغان دەۋادا قانۇنىي دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىكەن.

«جىددىي ئېھتىياجلىق مۇساپىرلارنى قوللاش (CSRDN) تەشەببۇسى» تەشكىلاتى بۇ يىل 2-ئايدا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، كانادا چېگرا مۇلازىمەت ئورگىنىغا ئۇيغۇر ئېلىدا ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەش ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىكەن.

مەزكۇر سوتتا «ئۇيغۇر ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى» كانادانىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلارنى چەكلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئىسپات سۇنىدىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى چولپان گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك، چۈنكى بىز بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولالايمىز ۋە كانادانىڭ نېمە ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم كانادادا بۇنداق ئورۇنغا ئېرىشىشى ئىكەن.

نۆۋەتتە كانادا «جىددىي ئېھتىياجلىق مۇساپىرلارنى قوللاش (CSRDN) تەشەببۇسى» ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى فېدېراتىپ سوتتا بۇ داۋانىڭ كۆرۈلۈشىنى كۈتمەكتىكەن.