ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تېما قىلىنغان رەسىم كۆرگەزمىسى 16 – ئايرىل كۈنى نيۇ-يوركتا باشلاندى. كۆرگەزمىگە «خىتايدا ئىشلەنگەن: سىز ياخشى كۆرىدىغان ماركىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن قانداق پايدا ئېلىۋاتىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنى «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى» دىن ئامان قالغان يازغۇچى، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئېلىي ۋىزەل (Elie Wiesel) نامىدا قۇرۇلغان «ئېلىي ۋىزەل فوندى» ئورۇنلاشتۇرغان.
«ئېلىي ۋىزەل فوندى» 16- ئايرىل كۈنى X كە يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن:
«نەچچە ئونلىغان ماركىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۆلەت مەجبۇرلىشىدىكى ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىلغان. ئەمدى بۇ تاۋارلار ئۈچۈن قۇربان قىلىنىۋاتقانلارنى ئاشكارىلايدىغان ھەمدە ئىنسانلارنى ماركىلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندەيدىغان پەيت كەلدى.»
مەزكۇر فوندى جەمئىيەت ئۇچۇرىدا يەنە، كىشىلەرنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرىگە ئېرەڭشىمەيدىغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئالىدىغان شىركەتلەرنى ئاشكارىلايدىغان سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشقا» تەكلىپ قىلغان.
16- ئايرىل كۈنى باشلانغان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ئەسلىدە «ئېلىي ۋىزەل فوندى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە نيۇ-يورك شەھىرىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇ، 4-ئاينىڭ 17-، 18-كۈنلىرى ئېچىلىدىغان يىغىننىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى ئېللېن گېرماين (Ellen Germain)، شۇنداقلا نوپۇزلۇق ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە يەھۇدىي رابىيلىرىدىن باشقا يەنە، مانخاتتىن ئىنستىتۇتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنلار ئارا تەتقىقات مەركىزى، ئامېرىكا يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلار قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم.