ئامېرىكا خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ سابىق كومىسسارى دىئان پىنكېرت (Dean Pinkert) ۋە شۇنداقلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى» گۇرۇپپىسىنىڭ تەشۋىقات يېتەكچىسى شارلوت تاتې (Charlotte Tate) «تەمىنلەش زەنجىرى» (Sourcing Journal) ناملىق ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، قانۇن قاتتىق بولغاندىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، «ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇن شىركەتلەر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن تولغان تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن پايدا ئالغان، بەختكە يارىشا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى يولغا قويۇپ باشلامچىلىق رول ئوينىغاندىن كېيىن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى كەم دېگەندە 10 دۆلەتتىن مىڭلىغان يوللانمىنى توختاتقان. بۇ مەھسۇلاتلار كۈنتاختا، كىيىم-كېچەك، ئاساسى مېتال ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 2023-يىلى 3-ئايغا قەدەر، ئۇيغۇر رايونىدىن ئامېرىكاغا كېلىدىغان يوللانمىلار 90 پىرسەنت ئازايغان.»
ماقالە ئاپتورلىرى، خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن مال كىرگۈزۈۋاتقان شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى يۆتكەش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان ئازغىنە قىيىنچىلىقلىرىنى دەپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىققا، ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ياسالغانلىقتەك ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇلار ماقالىسىنى تۆۋەندىكى جۈملە بىلەن ئاياغلاشتۇرغان: «ھازىر دۆلەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى تۈپەيلىدىن جاپا تارتىۋاتقانلاردىن يۈز ئۆرۈيدىغان ۋاقىت ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى بۇ شىركەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ماسلىشىش قىيىنچىلىقىدىن نەچچە ھەسسە زور. »
