2017-يىلى كىرىشى بىلەن خەلقئارا تاراتقۇلار سىياسىي ۋەزىيىتى بارغانسېرى جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارى ۋە بۇ يەردىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي چەكلىمە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «دىپلومات» ۋە باشقا دۇنياۋى چوڭ تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دائىر خەۋەرلەر ئورۇن ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىدە گارى ساندس ئىسىملىك بىر مۇخبىرنىڭ 2-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان «سەپەر چەكلىمىلىرى بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىسى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.
ماقالىدە ئۇيغۇرلار يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە دۇچ كەلگەن سىياسىي تەقىبلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي رېجىمىغا كۆرسەتكەن قارشىلىقلىرى ساناپ ئۆتۈلگەن.
بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قويۇلغان قاتتىق چەكلىمىلەر، پاسپورت ئالالماسلىق ياكى بېرىلگەن پاسپورتلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشى، «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» دېگەن نام بىلەن ئۇلارنىڭ قان ۋە د ن ئا ئۆرنىكىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلۇشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تۈركۈملەپ يەرلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇشى، رايوندىكى ئاساسلىق يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتلەشتۈرۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي تەكىتلەۋاتقان «ئەبەدىي ئەمىنلىك» ياكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» يولىغا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ رادىكاللىق ياكى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش يولىغا مەجبۇرلايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.