«برىتانىيەلىك يەھۇدىيلار ۋەكىللەر مۇنبىرى» ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىدىن بولغان «برىتانىيەلىك يەھۇدىيلار ۋەكىللەر مۇنبىرى» ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

18-فېۋرال كۈنى «برىتانىيەلىك يەھۇدىيلار ۋەكىللەر مۇنبىرى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەدۋىن شۇكېر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى رەخمان چېشتىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاش ئارقىلىق، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.

ئەدۋىن شۇكىر ئەپەندى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئالاھىدە ئەلچىسىگە يوللىغان مەكتۇپىدا ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى، دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ باستۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تۈپكى ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدەك مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ «بىز ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ئورگانلاردىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشقا شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سوراشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى ئېتىقادقا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى، پارلامېنت ئەزاسى رەخمان چېشتىگە يوللانغان مەكتۇپتا يەنە، 17-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ لاگېرلارغا ئائىت ئاشكارىلانغان يەنە بىر مۇھىم ھۆججىتى بولغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن. ئەدۋىن شۇكىر مەكتۇپىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلە ھەققىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىگە مەلۇمات بېرىشىنى سوراپ: «بىز بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمىز» دېگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بىردەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە «ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»، «گېرمانىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ۋە «ئەنگلىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن.

يۇقىرىدىكى بۇ تەشكىلاتلار نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتىكەن.