«ياخۇ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، نورۋېگىيە، شېۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى بويى دۆلەتلىرىنىڭ بۇ بىرلەشمە باياناتىدا يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش ئورنى» غا قامالغان مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «بىز يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تىنچ شەكىللىك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭ قاتتىق چەكلىنىشى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز».
بۇ باياناتتا يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك، تۇغۇتنى چەكلەش ۋە باشقا جىنسىي زوراۋانلىق ئىسپاتلىرى كۆرسىتىلگەن ھەمدە «خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە» دېيىلگەن. ئاندىن شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىز بويى دۆلەتلىرىدىن شىنجاڭغا بارغان مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، ئۇلارنى نازارەت قىلماسلىقى ۋە ئۆچ ئالماسلىقى ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.