«ئاسىيا جەڭچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئاسىيا جەڭچىلىرى» تور ژۇرنىلىنىڭ ماي ئايلىق سانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىنىپ، خىتايدىكى «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى» نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان.

«شىنجاڭ: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار رايونى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامدا خىتاي خەرىتىسىدە كۆك رەڭدە ئايرىم كۆرسىتىلىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مول تەبىئىي بايلىقنىڭ، جۈملىدىن خىتاي كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان كۆمۈر كانلىرى، خىتاي نېفىت زاپىسىنىڭ 22 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان نېفىتلىك ۋە خىتاي تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ 28 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلىدۇ.

ماقالىدە ئۇيغۇرلار رايونىدىكى تەبىئىي بايلىقتىن سىرت، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاي تېررىتورىيىسىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە بىر ‏-بىرىگە باغلاشتىكى ئۆتكۈنچى رايون ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئۇيغۇرلار رايونىدا خىتايلار نوپۇسىنىڭ 1949 -يىلىدىكى 6 پىرسەنتتىن ھازىرقى 40 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئاخىرىدا مۇشۇ خىلدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ زور نىسبەتتە ئېشىشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنىشى دەل ھازىرقى «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى» نىڭ تۈپ سەۋەبى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلىدۇ.