كانادا باشچىلىقىدىكى بىر خەلقئارا ئىتتىپاق خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-06-21
Share

كانادا باشچىلىقىدىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بىر خەلقئارا ئىتتىپاق قوشما بايانات تەييارلاپ، خىتاينى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت «ئىشەنچىلىك خەۋەرلەر» نى «ھەقىقىي رەۋىشتە تەكشۈرۈش» كە يول قويۇشقا چاقىرغان.

كانادادىكى CBC قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بايانات كانادانىڭ باشچىلىقىدا G7 گە ئەا دۆلەتلەر، شۇنداقلا شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەنى ئ‍ىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق دۆلەت تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىكەن.

خەۋەردە بۇ باياناتنىڭ 21-ئىيۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدا «بىز شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېيىلگەنلىكى، شۇنداقلا يەنە «بىز خىتاينىڭ ئالىي كومىسسارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭدا دەرھال، ھەقىقى رەۋىشتە، توسالغۇسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز،» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

CBC نىڭ ئېيتىشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە كانادانى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان 18 دۆلەتتىكى 60 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئوچۇق مەكتۇپ تەييارلىغان. ئوچۇق مەكتۇپتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى «ئ‍ىسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپادىلىرى» نى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا ب د ت نى «كىشىلىك ھوقۇقنى خورلىغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارماسلىققا خاتىمە بېرەلمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت