مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى دۇنيا ئاخباراتىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا بۇ مەسىلىگە قارىتا ئوخشىمىغان مۇئامىلە شەكىللىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق 22 دۆلەتنىڭ ب د ت غا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن قالغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق مەۋقەدە بولىدىغانلىقى جىددىي سىناقلارغا دۇچ كەلدى.
ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەت گېزىتى» 17-ئىيۇل كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا مۇنبەرلەردە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق قانداق مەۋقەدە بولۇشنىڭ چېگراسىنى بېكىتتى. باش ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دېگەن نامدا بولسىمۇ ئېتىراپ قىلغان لاگېرلار ھەققىدە بارغانسېرى كۆپ ئىسپاتلار ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى بارچە ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق سۆز قىلىش ياكى داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ زۇلۇمغا شېرىك بولۇشتىن بىرنى تاللاشقا چاقىرىلدى.
ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 37 دۆلەتنى، جۈملىدىن ئون نەچچە ئىسلام دۆلىتىنى سەپەرۋەر قىلىپ ب د ت غا قارشى مەكتۇپ يوللىشىنى: «ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى بولۇپ قېلىشنىڭ نەتىجىسى» دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېرېس نۆۋىتى كەلگەندە شى جىنپىڭغا قاتتىقراق سۆز قىلىشقا دەۋەت قىلىندى.