ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ مەسىلىسى» دە بانكىلارنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەتكە ئالغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى «سودا كۆرسەتمىسى» دە بانكىلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «يەرشارى سودا تەقرىزى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى «سودا كۆرسەتمىسى» دە بانكىلارنى شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەمىنات زەنجىرى مەسىلىسىدە تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن.

ئامېرىكانىڭ بىر قانچە مىنىستىرلىقى 13-ئىيۇل ھۆكۈمەتنىڭ «سودا كۆرسەتمىسى» نى يېڭىلاپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم «سودا كۆرسەتمىسى» دە بانكىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئىدى. «يەرشارى سودا تەقرىزى» نىڭ ئېيتىلىشىچە، «سودا كۆرسەتمىسى» دە بانكىلارنىڭ بانكا مەخپىيەتلىكى قانۇنى بويىچە (BSA) پۇل-مۇئامىلە سودىسى ياكى پۇل ئ‍الماشتۇرۇشتا ۋە ياكى باشقا مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بايقالغان ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە ئائىت گۇمانلىق ھەرىكەتلەرنى مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەكىتلەنگەنىكەن.

«سودا كۆرسەتمىسى» دە يەنە «ئامېرىكا بانكىسى ياكى ئۇ ئارقىلىق سودا قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ كەسىپداشلىرى، شېرىكلىرى ياكى تارماق شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى تەلەپلىرىنىڭ ئۇلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى تەلەپ قىلىنغانىكەن. «يەرشارى سودا تەقرىزى» نىڭ ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى شۇ سەۋەبلىك «بانكا مەخپىيەتلىك قانۇنىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ تەدبىقلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.