ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلغان خىتاينىڭ 7-نۆۋەتلىك «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» يىغىنىدا بېيجىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تۈپەيلى ئامېرىكانىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان بۇ رايوننى تېخىمۇ قوللايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن. خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» يىغىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشتە ھالقىلىق قەدەملەرنى ئاتقان بىر ۋاقىتتا چاقىرىلغانىدى.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21-ئىيۇل كۈنى ئاخىرلاشقان 3 كۈنلۈك يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزى شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ سۆز قىلىپ، بېيجىڭنىڭ مەزكۇر رايونغا تېخىمۇ كۆپ سېلىنما ئاجرىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى بىردەك مۇقۇللىغان شۇنداقلا بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى شىركەتلىرىنى جازالاپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بۇ رايون بىلەن سودا قىلىشنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ ياڭ يىغىندا يەنە «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پروگراممىسى مەركەزنىڭ بەرگەن زور سىياسىي ۋەزىپىسى» دېگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇتەخەسىسسلەر ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزىنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.