ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنىڭ سۆھبىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» كۈنتەرتىپكە كەلگەن

26-ئىيۇل خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنىڭ سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سادىر بولۇۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتە ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن. ۋېندى شېرمان خانىم 26-ئىيۇل خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيې فېڭ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ ئامېرىكا-خىتاي ئالىي دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئالياسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىدىن كېيىن 2-قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىكى يۈزتۇرانە سۆھبەت ئالياسكىدىكى سۆھبەتتەك كەسكىن بولمىغان بولسىمۇ، بىراق تەرەپلەر ئ‍وتتۇرىسىدىكى كەسكىن ئ‍ىختىلاپ نامايان بولغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نىد پرايىس، ۋېندى شېرماننىڭ سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى، جۈملىدىن خوڭكوڭ، تىبەت، ۋە «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلەر› گە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شېرمان يەنە ئاخبارات ئەركىنلىك، خىتاينىڭ توردىكى ھەرىكىتى، ئۇنىڭ تەيۋەن، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنداقلا خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئامېرىكا، كانادا پۇقرالىرىنىڭ مەسىلىسى ۋە كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى تەكىتلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قارىتىلغان ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى، خىتاي رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان ئېمبارگونى قالدۇرۇش، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇن بىر تىزىملىك بەرگەن.