راين تۇم: «خىتاينىڭ نەزىرىدە شىنجاڭ مەسىلىسى بىر يەرلىك مەسىلە ئەمەس»

ئەنگلىيە نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى راين تۇم «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەرنى ئانالىز قىلغان.

راين تۇم «خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى لاگېرلارغا سولاپ ‹بۇ ئىختىيارلىق بىلەن بولدى› دېمەكتە» ناملىق ماقالىسىدە لاگېرلار، خىتاينىڭ سىياسىتى، خەلقئارانىڭ تەنقىدى ۋە خىتاينىڭ ئىنكاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلغان.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىرقچىلىقى ۋە ئۇلاردىكى ئىسلام ۋەھىمىسى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى «مۇقىمسىزلىق ئامىلى» دەپ ئەيىبلىشىگە ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئۇ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قايتا لايىھىلەش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قانۇنلۇق ئورنى ۋە ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىش ئارزۇسى ياتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شىنجاڭ مەسىلىسى يەرلىك مەسىلە ئەمەس. بەلكى، بۇ ئۇلار بۈگۈن ئىدارە قىلىۋاتقان پۈتكۈل سىستېمىنىڭ ئاساسىغا تەھدىت سېلىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر،» دېيىلگەن.

راين تۇمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىنقى 30 دىن بېرى يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى خىتاي مىللەتچىلىكى ئارقىلىق شۇنداقلا «كومپارتىيە خىتاينىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنىڭ مۇتلەق كاپالىتى» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاپ بۇنىڭغا «خىتاي چۈشى» دېگەن شەكىلنى بەرگەن.

ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مەدەنىيەت ھەقلىرى ۋە تېخىمۇ كەڭ ئاپتونومىيە تەلەپلىرى خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا تەھدىت دەپ قارالغانلىقى، ئۆتكەن 10 يىلدا يۈز بەرگەن قىسمەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كومپارتىيەنىڭ ئېتنىك خىتاي خەلقىنى قوغداش ئىقتىدارىغا سوئال پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. راين تۇمنىڭ قەيت قىلىشىچە: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدىكەن.»

ئۇ، خىتاي كومپارتىيەنىڭ كۆپ خىللىققا ئېتىبار بېرىدىغان بۇرۇنقى سىياسىتى ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.