خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى كەڭ ئورۇن ئالماقتا

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە يەنە نۇرغۇن ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. بۈگۈن ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە كەڭ توختالغان.

س ن ن قانىلى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىگە «تيەنئەنمېندىكى ۋەقە تېررورلۇق ھۇجۇمىمۇ ياكى چارىسىزلىق نىداسىمۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىستېمىلىق دىنىي، مىللىي بېسىم سىياسىتى ۋە كەمسىتىشىگە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

خەۋەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ خەلقئارالىق ئىسلام تېررور ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەمىنلىگەن دەلىللىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن.

بۈگۈن يەنە، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىمۇ بېيجىڭدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ خەۋەر ئىشلىگەن. بۇ ئۇيغۇرلار مۇخبىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەر جەھەتتىن كەمسىتىشكە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا دۆلەت كادىرى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئاكىسىنىڭ رامزان مەزگىلىدە باشلىقى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا چۈشلۈك تاماققا ئاپىرىلغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ئۈسىتىدىكى دىنىي بېسىمنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىدىن شىكايەت قىلغان.