ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى پرېزىدېنت ترامپنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.06

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنى خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگىدا كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكلىرى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.

پرېزىدېنت ترامپ 3‏-نويابىردىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، خىتاي، فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان 11 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان.

كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاينىڭ تورغا بولغان چەكلىمە، ئاخبارات ۋە ئىلمىي ساھەگە بولغان ئىدېئولوگىيىلىك كونتروللۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەش، ئادۋوكاتلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، بولۇپمۇ «شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىدىيەسىنى كونترول قىلىش ۋە قورقۇتۇشنىڭ شىددەتلىك ھەم ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقانلى» قىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھۆكۈمەت ئون يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يوشۇرۇن بۆلگۈنچى مۇئامىلىسى تۇتۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئانا تىلى، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز كىملىكىنى ئىپادىلىشى باستۇرۇلدى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، بولۇپمۇ چېن چۈئەنگو 2016‏-يىلى ھوقۇق تۇتقاندىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشتى. بۇ يىل زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلدى. ئۇلار بۇ لاگېرلاردا مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلدى ۋە بىر قىسمى ھېچقانداق سوت قىلىنماي قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىندى».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، پرېزىدېنت ترامپنى ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدە ۋە ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگىدا كىشىلىك ھوقۇق ھەم ئۇيغۇرمەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا، قانۇنلۇق ۋە تىنچ سىياسىي، دىنىي پائالىيەتلەرنى ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىققا، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان. پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتى 8‏-نويابىر باشلىنىدۇ. ئۇ 4‏-نويابىر كۈنى ياپونىيەگە يېتىپ بارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.