ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىدىغان ئاۋازلار كۆپەيمەكتە.
28-نويابىر كۈنى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا مايكىل فۇش، دانىيال بىنەيم قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىمزاسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى سەۋەبلىك ئەركىن ساياھەت قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆزلىشىش، بالىلىرىغا خالىغان ئىسىمنى قويۇش قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ سان-فىرانسىسكو شەھىرىنىڭ نوپۇسىغا تەڭ كېلىدىغان مىليونلارچە ئاھالىنىڭ ھازىر لاگېرغا قامالغانلىقىدەك پاكىتلارنى ساناپ ئۆتۈپ، بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇلار ماقالىسىدە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەلكىم خىتايغا قارشى ئارزۇ قىلغىنىدەك ھەممە تەدبىرنى ئالالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە تارتىشى كېرەك، بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئازابلىرىنى يەڭگىللىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرىدىن ئۈلگە ئالماقچى بولۇۋاتقان باشقا ھۆكۈمەتلەرنى توسۇشى كېرەك،» دەپ ئەسكەرتكەن.
يۇقىرىقى تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ھاكىممۇتلەق دۆلەت سىستېمىسىنى سىناق قىلىپ، بۇنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئومۇملاشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى، يىلتىزىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قۇرۇتۇپ، «يېڭى بىر خىتاي پۇقراسى» قىلىپ ياساپ چىقىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنداقلا بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇلار ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەلكىم دۇنيادىكى پۈتۈن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتىشىپ بولالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ۋاشىنگتوننىڭ بۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا قانداق يوسۇندا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئوبرازى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا كۆز يۇمۇپ تۇرالمايدۇ،» دېگەن.
