ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارانى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.30

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى 30‏-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ھەرىكەت قىلماسلىققا چاقىرغان.

باياناتتا، «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنى قامايدىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى كېڭەيتىلىۋاتقان بۇنداق بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، مۇسۇلمان رەھبەرلىرى، شىركەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك مۇناسىۋەت قىلىشىغا خاتىمە بېرىشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتى دۇنيادىكى ئىقتىسادى كۈچى ئەڭ چوڭ 20 دۆلەتنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئارگېنتىنادا باشلانغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 1‏-دېكابىر كۈنى ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىغا بۇرالغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىلمىي ساھەدىكى ئەربابلار، بۇ ئۇچرىشىش پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش-قوغدىماسلىق ئىرادىسىنى سىنايدىغان بىر سىناق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىنكاس بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتتا يەنە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئامېرىكىنى ئۈلگە قىلىپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» گە ئوخشاش قانۇن لاھىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، خىتاينى دەرھال «شەرقىي تۈركىستان» دىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرىشى، ئۆز ئارا كېلىشىملەردە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى شەرت قىلىپ قويۇشى، ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتكە ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، خىتاي ۋە چەتئەل شىركەتلىرىگە ئېمبارگو قويۇشى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى ھەم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىشنى ۋە بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھەم باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى توختاتمىغۇچە، ئۇنىڭ بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بارماسلىق» كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.