دۇنياۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەندى

ئامېرىكانىڭ ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان سابىق مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايكىل پوسنېر (Michael Posner) ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ «دۇنيا لوڭقىسى» ۋە باشقا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە تەكىتلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ئۇ «فوربېس» (Forbes) ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، دۇنيادىكى ھەر خىل زور كۆلەملىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرى بولغان فىفا (FIFA) ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى(IOC) قاتارلىق ئورگانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى تارتىپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن نۆۋەتتە قاتاردا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىدە 2022-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ مەسىلىدە پوزىتىسيە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى، ھەتتا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا يانتاياق بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

مايكىل پوسنېر ماقالىسىدە يەنە نۆۋەتتە قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا پۇتبۇل لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان پۇتبۇل مەيدانى، تاشيول، مېھمانىخانىلارنى ياساش قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىقى ھىندىستان، نېپال، بېنگاللىق ئىشچىلارنىڭ ئىنتايىن جاپالىق شارائىتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ناچار ئىش شارائىتى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ئەمما فىفانىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى، ھەتتا قاتارنى قوغداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە ياكى قاتاردىكى ئىشلەمچىلەر بولسۇن، ئۇلار ھەممىسىنىڭ دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ئۇنداق بولمىغاندا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ ئاياقلاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ماقالىسىدە «دۇنيادا ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە بۇ تەنتەربىيە ئورگانلىرى، ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق كۈنتەرتىپىنى قوللاش مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يەتمىسە، بۇ ئۇلارنىڭ مۇسابىقىلىرى ۋە بۇ مۇسابىقىلارنىڭ قانۇنىيلىقىغا زىيان سالىدۇ» دېگەن.