خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ھەر ۋاقىت قوللىنىلىۋاتقان «ئۇچۇر ئۇرۇشى» ۋاسىتىسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر چوڭ خىرىس بولۇۋاتقانلىقى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئاۋسترالىيەلىك خىتايشۇناس، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلاركنىڭ «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇچۇر ئۇرۇشى» نى «جامائەت پىكىرى، پسىخىك تەسىر ۋە قانۇنلۇق ئۇرۇش» دەپ ئۈچكە بۆلۈشكە بولىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى «ئىجتىمائىي ئىدارە قىلىش» قا قايسى دەرىجىدە ۋە كۆلەمدە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق نامايان قىلماقتا ئىكەن. بۇ بولسا ھەرقايسى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە «مۇقىملىققا ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىش» نامىدا يەر ئالماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن نازارەت قىلىش ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلاش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىغا ھۆكۈم قىلىشنى ئومۇملاشتۇرماقتا ئىكەن. بۇ ئەھۋال بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەڭ تىپىك ھالدا ئومۇملىشىپ، نۆۋەتتىكى سىياسىي كونتروللۇق بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتمەكتە ئىكەن.
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا شىفىرلىق تېخنىكا ئارقىلىق ھاكىممۇتلەقلىقنى قوللاش ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭغا ماس ھالدا شەھەر رايونلىرىدا نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئاپتوموبىللارغا ئىز قوغلىغۇچ ئورنىتىش، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا چىراي تونۇش ئاپپاراتلىرى ئورنىتىش، شەخسلەرنىڭ تېلېفونلىرىغا «خەتەرلىك» مەزمۇنلارنى سۈزەلەيدىغان ئەپلەرنى مەجبۇرىي ئورنىتىش قاتارلىق چارىلار ئومۇملىشىشقا باشلىغان ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى توپلاشقا مەركەزلەشكەن.
پروفېسسور مايكىل كلاركنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تېخنىكىلىق چارىلارغا يانداشتۇرۇپ، ئادەم كۈچىگە تايىنىدىغان «نازارەت مېخانىزمى» نى بەرپا قىلىپ چىققان. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك شەكىللىرى «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» بەرپا قىلىش، مىڭلىغان كومپارتىيە كادىرلىرىنى يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەر ھەققىدە ساۋاق بېرىشكە ئەۋەتىش، ئاساسلىق چوڭ شەھەرلەردە مىڭلىغان ساقچى قوشۇنىنى تەشكىللەپ «مۇقىملىقنى ساقلاپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش» دېگەنلەردە ئەكس ئەتكەن.
نۆۋەتتە بولسا بۇنىڭ يۇقىرى پەللىسى شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىپادىلەنمەكتە ئىكەن. بۇ لاگېرلاردا نۆۋەتتە «ئىدىيەسىدە كېسەللىك بار» دەپ قارالغانلىكى كىشىلەر ئاشۇ «كېسەل» دىن خالاس بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ خىل «داۋالاش نۇقتىلىرى» كۆلەم ۋە شەكىل جەھەتتە تۈرمىلەردىنمۇ بەكرەك مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇلارغا ئىشلىتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى تۈرمە دېيىشكە تامامەن مۇمكىن ئىكەن.