خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى يې خەيلىن، پۇل شىنجاڭ مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى، ئۇلارنىڭ دۆلەت تونۇشىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يې خەيلىننىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۆپ قۇتۇپلۇق مەدەنىيەت ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن. بىراق جۇڭگونى تونۇش مەسىلىسىگە كۈچ چىقارمىغان. ئەگەر بىر دۆلەت كۆپ قۇتۇپلۇقنى تەكىتلەپ، دۆلەت تونۇشىنى تەكىتلىمىسە، مەسىلە كېلىپ چىقىدىكەن.
بىراق، يې خەيلىننىڭ قارىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دەرھال تەنقىدىگە ئۇچرىغان. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قارىشىنى تەنقىد قىلغان بەزى زىيالىيلار «شىنجاڭدا دۆلەتنى تونۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىكىنى تونۇشنىڭ ئىزچىل كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىپ، تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى»نى ئەسكەرتىپ، بىراق شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەسىلە بۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولمايلا قالماي، تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى، دېگەن.
ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ئىزچىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كەلگەن. بۇ مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ، نوقۇل دۆلەتنى تونۇشنى تەكىتلەش مەسىلە ھەل قىلمايدۇ.
يې خەيلىن يۇقىرىقى قارىشىنى يېقىندا شىنخۇا تورى ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق خەلقئارا يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان.