ئەخمەد رەشىد، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ستالىننى ئۈلگە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.31

پاكىستانلىق ژۇرنالىست، ئوتتۇرا ئاسىيا رادىكال ئىسلام مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئەخمەد رەشىد، خىتاينىڭ ستالىن دەۋرىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئۈلگە قىلىپ، ئىسلامنى باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاينىڭ سىياسىي ئۆلچەمگە توشمىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە بولمايدۇ، دەپ چىقارغان بەلگىلىمىنى مىسال قىلىپ، ستالىن دەۋرىدە يولغا قويۇلغان بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ۋە قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەخمەد رەشىد «خىتاي ستالىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى كۆچۈرۈۋالدى» ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رادىكال ئىسلامنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى ئۇيغۇرلار تالىبانغا قوشۇلۇپ جىھاد تەربىيىسى ئالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بايلىق ئىگىلىۋېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق بوشلۇقىغا مۇداخىلە قىلىشى ئىزچىل «مۆتىدىل ئىسلام» پىكرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئەخمەد رەشىد 2001‏-يىلى 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن نەشر قىلىنغان «جىھاد: ئوتتۇرا ئاسىيادا مىلىتان ئىسلامنىڭ باش كۆتۈرۈشى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئاساسلىق ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاندىكى ئىسلامى ھەرىكەتلەرنى بايان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلامى ھەرىكەتلەر ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» تەرىپىدىن ئامېرىكىدا ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتاب بولۇپ باھالانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.