ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي بېسىملار يېقىندىن بۇيان چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان باشقۇرۇشىدىكى «ئەل ئەرەبىيە» تېلېۋىزىيەسىمۇ 10-فېۋرال كۈنى مەخسۇس بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەزىم ئىبراھىم ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە غەرب دۇنياسىدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان تېما خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە تارتىۋاتقان سورۇقچىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھېچقانچە قىزىقتۇرمىغان بىلەن غەرب دۇنياسى بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا تېررورلۇق تەھدىتلىرى مەۋجۇت بولمىغان ئۇيغۇرلار رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىشى تېخىمۇ شۇنداق بولماقتىكەن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ھەق ۋە ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھازىر تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە سولانماقتا ئىكەن. بۇ مەركەزلەر شەكىل ۋە خاراكتېر جەھەتتە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دىن پەرق قىلمايدىكەن. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل مىللەتنى مۇشۇ خىلدىكى ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› دە تەربىيىلەش ئارقىلىق ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يەتمەكچى بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىلدىكى مەركەزلەرنىڭ داۋاملىق ئېچىلىشىغا گۇمان بىلەن قاراشنىڭ ھاجىتى يوق» دەيدۇ.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر پۈتكۈل رايون تاشقى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلانغان بولۇپ، نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھېچكىم ھېچ نەگە مىدىرلىيالمايدىغان ۋەزىيەت ھاسىل بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پەرق قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىسى نۆۋەتتە مۇقىملىق ۋە «ئىناق جەمئىيەت» ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىنىپ، ھۇجۇم نىشانى بولماقتا ئىكەن. بۇ ھال نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى يەكلىنىۋاتقان مىللەتلەر دۇچ كېلىدىغان تەقدىرگە قاراپ ئىتتەرمەكتە ئىكەن.