خىتاي ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى يۇرتقا مەبلەغ سېلىشقا دەۋەت قىلدى

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو جۈن، ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «بىر يول بىر بەلۋاغ» نامىدىكى چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەمكارلىشىش قۇرۇلۇشىغا، چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىق قىلغان.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، يېقىندا بىر ئۆمەكنى باشلاپ، ئۈرۈمچىگە تەكشۈرۈشكە بارغان خىتاي مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو جۈن، چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان «ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى، ئۆزگىرىشىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلارنى رايونغا ئىقتىسادىي، تېخنىكا جەھەتلەردىن مەبلەغ سېلىشقا، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش» نىڭ رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «ئوقۇش ياردەم پۇلى» تارقىتىشى ۋە بىر قىسىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى «ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار» نامىدا ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىگە ئۇيۇشتۇرغانلىقى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.