«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى يەكشەنبە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇشىدىن قېچىپ چىققان، لېكىن پاناھلىق مەسىلىسىدە قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋەردە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ، خىتايغا قايتىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئابدۇقادىر ياسىن ئىسىملىك ئۇيغۇر مۇساپىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قانۇنلۇق بىر سالاھىيەتكە ئېرىشىشى ئېنىقسىزكەن.
«ئۇلار خىتاينىڭ باستۇرۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئەمما ئېنىقسىزلىق ئىچىدە كۈتمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ خىل ئېنىقسىز قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىر ئائىلىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ دائىم بۇ خىل ئېنىقسىزلىق، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى، تۇرۇش رۇخسىتى مەسىلىسى، يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئەنسىرەش قاتارلىقلار ئىچىدە ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئابدۇقادىر ياسىن 2015- يىلى ئايالى ۋە بىر بالىسى بىلەن شىۋېتسىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق سورىغان، بىراق ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گېرمانىيەگە بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن. لېكى، گېرمانىيە ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدە پاناھلىق سورىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىندا ئۇنى شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇۋەتكەن. شىۋېتسىيە بولسا خىتايغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 10-ئايدا شىۋېتسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقان ئىدى.
خەۋەردە، ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدە قېلىشى يەنىلا ئېنىقسىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئابدۇقادىرنىڭ قارىشىچە، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى خادىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشەنمەيدىكەن.
ئۇ «نيۇ-يوركتىكى- يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا: «بىز يەنىلا خاتىرجەم ئەمەس. لېكىن مەن خەۋەرلەردە كىشىلەرنىڭ يۇرتىمىزدا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇم» دېگەن.