ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خاتىرىلەنمەكچى


ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 12 - نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەنمەكچى.

ئۇيغۇرلار 20 - ئەسىردىلا ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان. تۇنجى قېتىمقىسى 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، كېيىنكىسى 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى ھەر ئىككىلا جۇمھۇرىيەت 12 - نويابىر كۈنى قۇرۇلغان.

شۇڭا ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 12 - نويابىرنى ئىپتىخار ۋە باشقا مۇرەككەپ تۇيغۇلار ئىچىدە خاتىرىلەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا كەلگەن.

بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، 9 - نويابىر ۋىرگىنىيە تەۋەسىدىكى بىر رېستوراندا جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 12 - نويابىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق رايبۇرن خىزمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئۇيغۇرلار ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە نۇرغۇن قېتىم ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.

ھالبۇكى، بۇ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خاتىرىلىنىشىدۇر.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم سىياسىيسى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.