فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالىغا ئۇيغۇر مۇزىكا ئەترىتى «ئۈنسىز» (None Sounds) مۇ قاتناشقان

7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا داڭلىق مۇزىكا فېستىۋاللىرىدىن «ۋېيى شاغغۇ مۇزىكا فېستىۋالى» (Festival Des Vieilles Charrues)غا ئۇيغۇرلارنىڭ None Sounds (ئۈنسىز) ناملىق مۇزىكا ئەترىتى قاتنىشىپ ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا ئورۇندىغان. ئېرپان ۋە ھەسەن ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ياشتىن تەشكىللەنگەن بۇ ئېلىكترونلۇق مۇزىكا ئەترىتى بۇ فېستىۋالغا قاتناشقان تۇنجى ئۇيغۇر مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ قالغان.

بۇ فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرىشىغا قارىغاندا، «ئۈنسىز» مۇزىكا ئەترىتىىڭ قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن مۇزىكىلىرى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى فىرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، فىرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان بىر ۋەزىيەتتە بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ياۋروپادىكى داڭلىق مۇزىكا فېستىۋالىنىڭ سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشى بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا داڭلىق مۇزىكا فېستىۋاللىرىدىن «ۋېيې شاغغۇ» مۇزىكا فېستىۋالىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئىيۇن.
فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا داڭلىق مۇزىكا فېستىۋاللىرىدىن «ۋېيې شاغغۇ» مۇزىكا فېستىۋالىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئىيۇن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۈنسىز» مۇزىكا ئەترىتى 2022-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيەنىڭ غەڭس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا فېستىۋالىغا قاتنىشىپ يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىكەن. «ئۈنسىز» مۇزىكا ئەترىتىدىن ھەسەننىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ سەھنىگە چىقىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن، ئۇلارنىڭ ئارزۇيى مۇشۇنداق خەلقئارا سەھنىلەردىمۇ ئۆزىنى نامايەن قىلىپ، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيەنىڭ «ۋېيې شاغغۇ مۇزىكا فېستىۋالى» 1992-يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ياۋروپادىكى روك، پوپ، ئېلېكتىرون، خىپ-خوپ قاتارلىق مۇزىكا تۈرلىرىدە داڭ چىقارغان مۇزىكانتلار تەكلىپ قىلىنىدىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، مەزكۇر مۇزىكا فېستىۋالىغا 2017-يىلى 280 مىڭ تاماشىبىن قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، ئېرپان ۋە ھەسەننىڭ «ئۈنسىز» ئېلىكترونلۇق مۇزىكا ئەترىتى 2015-يىلى قۇرۇلغانىكەن.