دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يىغىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىشىچە، نامايىشنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «يۈرەك ساداسىنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە تەسىرلىك ئاڭلىتىش، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى جىددىي قارارلار قوبۇل قىلدۇرۇش ھەمدە ئەمىلىي بېسىم قىلىشقا چاقىرىش» ئىكەن.
د ئۇ ق نىڭ مەزكۇر پىلانى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمى مىسلىسىز كۈچىيىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە سولىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، مائارىپى، دىنىي ئېتىقادى، تىلى، ئىقتىسادى، ئۆرپ-ئادەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو 2016-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن باشلانغان. ئۇنىڭ سىياسىتى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى ئەندىشىسىنى قوزغىغان. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى چېن چۈەنگونىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشتا ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۇيغۇر نامايىشچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ-ئىستەكلىرى ئۇلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىكەن». باياناتتا يەنە، بىريۇسسېلدىكى نامايىشقا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، شىمالىي ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق قىتئە ۋە دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش بىر كۈندە نامايىش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.