خېنەندىكى كەلكۈن ئاپىتىگە ياردەم قىلىشتا ئۇيغۇر ناۋايلىرى ئىسمېنا بويىچە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىنغان
2021.07.23
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ياردەم قىلىشتا ناۋايچىلىق كارخانىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ئىسمېنادا ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئائىلىلەردىمۇ نان يىغقانلىقى مەلۇم بولدى. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 21-ئىيۇل قۇمۇلدىكى «تەملىك نان يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئۆزىلا خېنەندىكى كەلكۈن رايونىغا نان تەييارلاشتا ئىشچىلىرىنى كېچىلەپ ئىسمېنىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان. خەۋەردە نەقىل كەلتۈرۈرۈلىشىچە، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئۆزىلا مىليون نان، 200 توننا قوي ۋە كالا گۆشى ئەۋەتىشنى ئۈستىگە ئالغان.
خەۋەردە، «تەملىك نان يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» نىڭ يېقىلغان ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ كېچىلەپ خېنەنگە يولغا سېلىنغانلىقى شۇنداقلا قۇمۇلنىڭ ئېۋىرغول رايوندىكى باغۋەن يېزىسىنىڭ ئامبرىدىكى 60 توننا قوغۇننىڭ خېنەنگە يولغا سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ ھەر قايسى جايلاردا «نان مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش باغچىسى» دېگەن نامدا چوڭ كۆلەملىك ناۋايچىلىق كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر يەككە ناۋايچىلىقىنى بوغۇپ تاشلىغان.
نۇرغۇن يەككە ناۋايلارنى ۋە لاگېردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى بۇ «نان مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش باغچىلىرى» دا مەجبۇرىي ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى كۈندىلىك تەمىنلەشكە باشلىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، قۇمۇل «تەملىك نان يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇنى مەزگىلىدە قۇرۇلغان ناۋايچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا 500 دىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلەيدىكەن.