خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېۋىزور ۋە يانفونلارنى نازارەت قورالىغا ئايلاندۇرماقتا

خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نازارەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ چىققانلىقى ئىزچىل خەلقئارا جامائەتنى ھەيران قالدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. نۆۋەتتە بۇ خىل نازارەت مېخانىزمىنىڭ شەھەرلەردىن ھالقىپ، يېزا-قىشلاقلارغا كېڭىيىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە تەقلىدى ئەقىل، چىراي تونۇش تېخنىكىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق «بىخەتەرلىك خادىملىرى كەمچىل بولغان يېزا-قىشلاقلاردىكى جىنايەت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش» نى تەكىتلىمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى تېلېۋىزور ۋە قوللىرىدىكى يانفونلار شۇ ئەتراپتىكى نازارەت كامېرالىرىغا ئۇلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تېلېۋىزور ياكى تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى كۆرگەن ھەرقانداق «غەيرىي» ئەھۋالنى قولىدىكى تىزگىنەكنىڭ بىر كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا ساقچى ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلالايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىخەتەرلىك» نامىدا بۇ خىل نازارەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى غايەت زور مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ خىل قۇرۇلۇشلار ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا مۇشۇ خىلدىكى نازارەت مېخانىزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى توققۇز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن نازارەت مېخانىزمىغا كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى ۋە زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي شىركەتلىرى غايەت زور پايدىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ تەدبىرلەر يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيەلىنىپ «ھەر بىر ئۆي بىر كۆزىتىش نۇقتىسى، ھەر بىر يېزا بىر چوڭ كۆزىتىش سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن پارتىيەمىز تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ‹خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-قىشلاقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش› شوئارى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلىشىدۇ،» دېيىلگەن.