ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىلىرى 2013-يىللىق جەمئىيەتتىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدىن جەمئىي 7757 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 916 نەپەر ئىكەنلىكى يەنى 11.8% نى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان 230 خىزمەتچى ئىچىدە 18 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، 84 نەپىرىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان. ئىلى ئوبلاستى، چۆچەك، ئالتاي ۋىلايەتلىرى، سانجى ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان بىرمۇ خىزمەتچى كۆرسىتىلمىگەن. جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا قوبۇل قىلىنىدىغان 706 ئورۇنغا خىتاي مىللىتىدىن 506 نەپەر، ئۇيغۇر مىللىتىدىن 70 نەپەر قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ يېزىلغان.
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 2013-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن ئۇيغۇر بىز تورىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ سانلىق مەلۇماتلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۆۋەتتە چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى ئەۋج ئالغان رايونغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. دائىرىلەر بۇ مەسىلىنى دۆلەت ئىچىدە بەلگىلەنگەن قانۇن ھەم خەلقئارا قانۇن بويىچە تۈزىتىشى كېرەك!» دېگەن.