«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خىتاي ستاتىستىكا مەتبەئەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چاقىلىق ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق خىتاي نوپۇسى يېقىنقى 3 يىلدا جىددىي كۆپەيگەن.
2009-يىلى، مەزكۇر ناھىيىدىكى خىتاي نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 28.44 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولسا، 2012-يىلى مەزكۇر ناھىيە نوپۇسىنىڭ 08.57 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، 3 يىل ئىچىدە 80.12 پىرسەنت كۆپەيگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي نوپۇسى مەزكۇر ناھىيىدە ئىلگىرىلەپ كۆپ سانلىققا ئايلانغان.
ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە يەنە خىتاي نوپۇسى ئەڭ تېز كۆپەيگەن 2-ناھىيە ئۈرۈمچىنىڭ تۇدۇڭخابا رايونى بولۇپ، خىتاي نوپۇسى89.5 پىرسەنت ئاشقان.
ئۇيغۇر ئېلىنغان كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىزچىل يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسەت بولسىمۇ، بىراق خەۋەردە چاقىلىق ناھىيەسىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە شىددەتلىك كۆپىيىشىدىكى سەۋەب تىلغا ئېلىنمىغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ چاقىلىق ناھىيىسىدە غايەت زور كۆلەملىك يەر ئاستى قېزىلما بايلىقى تېپىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
بىراق ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن، ئاۋات، مەكىت، ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرى تاغ رايونى، تۇرپان، توققۇزتارا قاتارلىق بىر قىسىم ناھىيە ۋە ناھىيە دەرىجىلىك رايونلاردا قىسمەن ئازايغان. بۇ ئەھۋالنىڭ ئىقتىسادى ياكى سىياسىي ئېھتىياج ياكى سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مەجھۇل.