ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدا ئوخشىمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاتا-ئانىلىرى «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قارانچۇقسىز قېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋۇجۇدقا چىقىۋاتقان يەنە بىر زور ئىجتىمائىي ھادىسە ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ۋە مۇلاھىزە ماقالىلىرى بېسىلدى. 10-ئىيۇل كۈنى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئېمىلىي فېڭ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
قەشقەردە بىۋاسىتە زىيارەتتە بولغان ئېمىلىي فېڭ ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا بۇ ماقالىنى يېزىپ چىققان. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ۋادىسىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى چۆلدەرەپ قالغان: چوڭلارنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسى «ئۆگىنىش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن بولغاچقا ئىشىكلەر قۇلۇپلانغان، بىر قىسىم قارانچۇقسىز بالىلارنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى دارىلئېتاملارغا يىغىۋېلىپ ئۇلارغا ئۆزلىرى ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» گە ئېلىپ كېتىلگەن ئاتا-ئانىلار ئاساسىي جەھەتتىن «تېلېفوندا دىنىي ئەسەبىيلىك ياكى تېررورلۇققا دائىر ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگەن» دېگەندەك ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەنلەر ئىكەن. بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەلەپ قىلغان ھالەتتىمۇ ئۇلارغا بېرىلمىگەن ۋە مەخسۇس تەسىس قىلىنغان دارىلئېتاملارغا ئاپىرىلغان. بۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بولغان رىشتە مەجبۇرىي يوسۇندا كېسىپ تاشلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئاپتور بۇ ھالنى ئامېرىكا چېگراسىدا پەرزەنتلىرىدىن مەجبۇرىي يوسۇندا ئايرىلىپ قالغان كۆچمەنلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن جەم قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ «خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك نامىدا ئائىلىلەرنى پارچىلاپ تاشلىماقتا» دەيدۇ.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، قارانچۇقسىز قالغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ياش-قۇرامى بويىچە ئوخشاش بولمىغان دارىلئېتاملارغا ياكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىۋاتقان بولغاچقا نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردا بۇ خىلدىكى مۇئەسسەسىلەر كۆپلەپ سېلىنماقتا ئىكەن. قەشقەردىكى بىر ناھىيەنىڭ ئۆزىدىلا يېقىندا 18 دارىلئېتام يېڭىدىن سېلىنغان. قەشقەردىكى بىر خىتاي كادىر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئۆگىنىش مەركەزلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن بىر قىسىم بالىلارنى ھۆكۈمەت بېقىۋاتىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ تاماق، ياتاق ۋە ئۆگىنىش ئىشلىرىغا ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئاپتور زىيارەت قىلغان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەستىقلىغان. شۇنىڭدەك، ئاپتور بۇ ئەھۋالنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈنمۇ ئېغىر دىشۋارچىلىق بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.