خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتاي زىيارىتىگە تەشكىللەشنى كېڭەيتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئاپتونوم رايونلۇق ‹ۋەنتەن مېھرى-جوڭخۇا سەپىرى› ياش-ئۆسمۈرلەر يازلىق ساياھەت پائالىيىتى» ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا كىملىكى ئورتاق چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش» ئۈچۈن «ۋەتەن مېھرى-جوڭخۇا سەپىرى» تېمىسىدا يازلىق ساياھەت پائالىيىتى تەشكىللەشتىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ۋە بۇنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، شۇنداقلا بۇ ساھەدە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ياش-ئۆسمۈرلەردە «جۇڭخۇا كىملىكى ئورتاق چۈشەنچىسى» نى مۇستەھكەملەش «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىلەردىن بىرى» سانىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ۋەزىپىنى «جىددىيلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش» كېرەك ئىكەن. ياش-ئۆسمۈرلەردە «جۇڭخۇا كىملىكى» چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزغاندا ئۇلارنى «جۇڭخۇانىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىشقا ۋە زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش» قا ئىلھاملاندۇرغىلى بولىدىكەن، يىغىندا بۇلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتتە ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر ‍ئۆسمۈرلىرى ھەر يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلدە ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن گۇرۇپپا بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنى ۋە شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇلارغا «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنىڭ شەرەپ ئىكەنلىكى»، «جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈۋاتقان» پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش ۋە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ «قانچىلىك ئۇلۇغ» ئىكەنلىكى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغانلىقتىن، نۆۋەتتە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىكى ئاشكارا «مېڭە يۇيۇش» خىزمىتى ئىكەنلىكى ھەممىلا كىشىگە مەلۇملۇق ھادىسىلەردىن بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى مائارىپ ساھەسىدە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا ماس ھالدا ‍ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىلدىكى «نەق مەيدان زىيارىتى ئارقىلىق مېڭە يۇيۇش» پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى بىۋاسىتە خىتايلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى قەدىمى سۈپىتىدە مۇنتىزىم كۆلەم ئېلىشى ھەمدە كېڭىيىشى ھەر ساھەنىڭ جىددىي ئەندىشىلىرىنى قوزغىماقتا.