تەنھەرىكەتنىڭ ھەممە تۈرلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇملاشقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا يېڭى ئەۋلاد تەنھەرىكەت چولپانلىرى داۋاملىق يېتىشىپ چىقماقتا. 2018-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن رۇسىيەنىڭ پېرم ئۆلكىسىدە چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش تۈرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ياش ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە 13 ياشلىق ئۇيغۇر ماھىر ئىلشات قادىروف ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ئالمۇتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق نۇرەخمەت قادىروف ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى 13 ياشلىق ئىلشات قادىروف چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ئۇ، قازاقىستان تاللانما كوماندىسى تەركىبىدە رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر چاڭغا مۇسابىقىسىدە شەرەپ قۇچقان. ئىلشات بىر بىر ئالتۇن ۋە ئۈچ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئىكەن.
رۇسىيەنىڭ پېرم ئۆلكىسىنىڭ يەرلىك مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-8-يانۋار كۈنلىرىدىكى مەزكۇر چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش مۇسابىقىسىگە رۇسىيەنىڭ 10 شەھىرىدىن ۋە قازاقىستاندىن جەمئىي 114 ماھىر قاتناشقان. رۇسىيەنىڭ «ئۇچقۇر چاڭغىچىلار كۇلۇبى» نىڭ «skyjumping.ru» تورىدا مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىلشات قادىروفنىڭ ئىسمىنى چوڭ ياشتىكى ئۆسمۈر غالىپلار قاتارىدا تىزىلغان.
چاڭغىدا ئېگىزلىكتىن سەكرەش قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقە تۈرلىرىدىن بىرىدۇر. ناھايىتى خەتەرلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىكى يۇقىرى مەزكۇر تەنھەرىكەت يولىنى تاللىغان 13 ياشلىق ئىلشات 40-60 مېتىر ئېگىزلىكتىن چاڭغا بىلەن سەكرەپ، موسكۋا، سانكىتپېتېربۇرگ شەھەرلىرى ۋە سىبىرىيە شەھەرلىرىدە كىچىكىدىن مەخسۇس كەسپى تەربىيە كۆرگەن رۇسىيەلىك «ئۇچقۇر چاڭغىچى» كەسىپداشلىرىدىن غالىپ چىققان. ئۇ ئالدىنقى يىلى سلوۋېنىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە ئىككىنچى ئورۇننى ئالغان ئىدى.