يېقىندىن بۇيان بەزى تاراتقۇلاردا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايى قىلمىشى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى پاناھلىق ئىشلىرى قانداق بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلارمۇ خوڭكوڭلۇقلارغا ئوخشاش پاناھلىق بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالامدۇ؟» دېگەن مەسىلە مۇھاكىمە قىلىنىشقا باشلىغان.
11-فېۋرال SupChina تورىدا «ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «ئۇيغۇرلارنى قوغداش توغرا ئىش بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ ناھايىتى ياخشى سىياسىي ئىستراتېگىيە» دېگەن نۇقتا يورۇتۇپ بېرىلگەن.
بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ناھايىتى روشەنكى، ئۇيغۇرلار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زۇلۇمغا ئۇچرىدى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھېچقانداق ياردەم بېرەلمىدى. خىتاينىڭ مەقسىتىمۇ شۇ ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكانىڭ يېقىندا شىنجاڭدىكى بەزى كارخانىلارغا چەكلىمە قويۇشىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى. شۇڭا بايدېن ھۆكۈمىتى ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى دەرھال قانات ئاستىغا ئالسا بولىدۇ. ئۇ مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىپ، ئۇلارنى ئامېرىكادا مەڭگۈلۈك تۇرالايدىغان سالاھىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1500دىن 5000 غىچە بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.»
بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1989-يىلدىكى «تيەنئەنمېىن ۋەقەسى» دىن كېيىن، 1992-يىل بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداش قانۇنى» نى ماقۇللىغان بولۇپ، 50 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىغا يېشىل كارتا تارقىتىپ بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكا يېڭى دۆلەت مەجلىسىنى بۇ ئىشقا ھەرىكەت قوللىنىشقا سەپەرۋەر قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە ئۇيغۇرلارنى چەت ئەللىك مۇساپىرلار بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلەردىن بەھرىمەن قىلسا، شۇنداقلا ئۇلارنى «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر» دەپ بېكىتسە بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشقا ئىلتىماس سۇنالايدىكەن. ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاتقان كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ قىيىن ۋە خەتەرلىك ئىكەن.