شىۋېتسىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» يېقىندا ئاشكارا قىلغان بىر ھۆججەتكە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت شىركەتلىرى تەشكىللىگەن ئۆمەك تەركىبىدە پاسپورت ئىشلىتىشى يەنىلا قاتتىق كونترول قىلىنماقتىكەن.
مەزكۇر ھۆججەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە قارىتىپ چىقارغانلىقى مەلۇم.
ئۇنىڭدا كۇچا ناھىيەسىدىن مەزكۇر ساياھەت ئۆمىكىگە قاتنىشىپ تايلاند، سىنگاپور ۋە مالايشىيا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنى ساياھەت قىلماقچى بولغان مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ پۇل تۆلىگەنلىك تالونى ھەمدە ساياھەت شىركىتىنىڭ ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتى كۆرسىتىلگەن.
ئۇندىن باشقا ھۆججەتتە يەنە «ساياھەت شىركىتى مەزكۇر كىشىنىڭ ساياھەت مەزگىلىدە ھەجگە بارمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ساياھەت شىركىتى يەنە مەزكۇر كىشىنىڭ پاسپورتىنى ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەندە قايتۇرۇۋېلىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ»، دېيىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ھۆججەت نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا ساياھەت ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىش ھوقۇقىنىڭمۇ باشقا ھەرقانداق مىللەتكە قارىغاندا ئېغىر سىياسىي چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى، دەپ قارىماقتا.