ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى پاسپورت تارقىتىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

1-دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 5-ئاۋغۇستتىن 19-نويابىرغىچە جەمئىي 213 مىڭ 708 پاسپورت تارقاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 240.8 ئاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، يېڭى پاسپورت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان «228 مىڭ 876 ئادەمنىڭ پاسپورت بېجىرىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ‹بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بېرىش› تۈزۈمى بويىچە نۇرغۇن قولايلىقلارنىڭ يارىتىلغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، مەزكۇر خەۋەردە بۇ نۆۋەت يېڭى پاسپورت ئالغانلار نىسبىتىنىڭ قانچىلىكىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر پارچە ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرسىلا پاسپورت ئالالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ، ئەينى چاغدا چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. چۈنكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئەركىن ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.