يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىلارغا تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش قىلمىشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارا تاراتقۇلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش بەلگىلىمىسى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر چارە» دەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دەۋر» ژۇرنىلى 25-نويابىر كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىشى، ئۇلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر رايوندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يوقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرى ئىچىدىكى يەنە بىر يېڭى تەقىپلەش سىياسىتىدۇر» دېگەن.
ئۇندىن باشقا، ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» مۇ 25-نويابىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پاسسپورت يىغىۋېلىشى، «رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان يەنە بىر چەكلىمە» دېگەن.