ئولىمپىك كىيىملىرى زاۋۇتى: «بىز شىنجاڭ پاختىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىمىز!»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇشى ھەمدە بۇنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى چەكلەش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىشقا باشلىغانىدى. ئەمما مەخسۇس ئولىمپىك كىيىم-كېچەكلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى «ئەنتا» شىركىتى يېقىندا ئ‍ۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان پاختىلارنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

«ئاكسيوس خەۋەرلىرى» نىڭ 28-ئاپرېلدىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى «ئەنتا» شىركىتى 2019-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەنھەرىكەت كىيىملىرى، جۈملىدىن ئاياق ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى تىكىشنى كۆتۈرە ئېلىۋالغانىكەن. ئۇلار شۇ يىلى خەلقئارالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆزەتكۈچى ئورگان بولغان «ياخشى پاختا پىلانى» تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ھەمدە بۇ ئورگاننىڭ مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە ئىش كۆرۈشكە ۋەدە بەرگەن ئىكەن. ئەمدى بولسا ئۇلار «ياخشى پاختا پىلانى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىغا باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەيىبلىشى ھەمدە بۇ خىل پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا «بىز شىنجاڭدىن چىققان پاختىلارنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز» دېگەن. Nike ۋە Adidas قاتارلىق خەلقئارالىق شىركەتلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان پاختىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن خىتاي ئىستېمالچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ ماركىلارنى بايقۇت قىلغان ھەمدە «ئەنتا» مەھسۇلاتلىرىغا يۈزلەنگەن.

ئوبزوردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتچىلىك خاھىشىنى كوزىر قىلىپ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەقلەرنى ھىمايە قىلغان شىركەتلەرنى جازالىشىدەك رەزىل قىلمىشى ئەيىبلىنىپ «بۇ ھال خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە مىسلىسىز خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى» دېيىلىدۇ.