ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئارانىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا «لوس ئانژېلىس ۋاقتى گېزىتى» 28-ماي كۈنى مەخسۇس باش ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىۋاتقان پاختىنى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باش ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا تېرىش خىزمىتى زور دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاز دېگەندىمۇ 500 مىڭدىن ئارتۇق، دەپ تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن. ئۆتكەن ئالتە يىل جەريانىدا بولسا ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندىمۇ سەككىز مىليون كىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى باشتىن كەچۈرگەن ئىكەن. ترامپ ھۆكۈمىتى 2021-يىلىنىڭ بېشىدىلا ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا ۋە پەمىدور مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلماسلىقنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ ساھەنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. نۆۋەتتە گەرچە بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەر خىتايدىن پاختا ياكى پاختا مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر پايدا-مەنپەئەت كۆزلەپ بۇنى داۋام قىلماقتا ئىكەن. باش ماقالىدا ئالاھىدە قىلىپ «تارىختا بىز مۇشۇ خىل قۇللار ئەمگىكىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەمدى ھازىر بۇ ھالنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى بىزنى بەكمۇ بىئارام قىلماقتا» دېيىلگەن.
«لوس-ئانژېلىس ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مەزكۇر باش ماقالىسى نۆۋەتتە خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ خىتاي ماللىرىنى، جۈملىدىن خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ زور دىققەت قوزغاش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىىتمۇ مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى مەنئىي قىلىش لازىملىقىنى، چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىدا ئېغىر دەرىجىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.