دۇنيادىكى پاختا تەمىناتىنىڭ سىجىللىقى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش نىشانى بىلەن قۇرۇلغان «تېخىمۇ ياخشى پاختا ھەرىكىتى» يەنى «Better Cotton Initiative» ناملىق خەلقئارالىق ئورگان 21-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى سەۋەبىدىن رايوندىكى پاختا مەيدانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.
مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى رايوندىكى مەشغۇلات مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا بىز بۇ رايوندىكى بارلىق مەيدان پائالىيەتلىرىمىزنى دەرھال توختىتىش قارارىنى چىقاردۇق».
«ياخۇ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇندىن ئىلگىرى خەلقئارادا مەسئۇلىياتچانلىق بىلەن تىجارەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان «خەلقئارالىق مەسئۇلىيەت ئېتىراپ قىلىنغان مەھسۇلاتلار» يەنى «Worldwide Responsible Accredited Production» ناملىق ئورگانمۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق زۇلۇمى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇيغۇر ئېلىدىن پاختا تەمىنلەشنى توختاتقانىكەن. يۇقىرىدىكى «تېخىمۇ ياخشى ھەرىكىتى» نىڭ بۇنىڭغا قوشۇلۇشى بىلەن مودا كىيىم-كېچەك ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە شۇنداقلا ئۆز ماركىلىرىنىڭ ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىشى تېخىمۇ قېيىنلىشىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى پۈتۈن دۇنيانىڭ پاختا ئېھتىياجىنىڭ 20 پىرسەنتىنى قامدايدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۈۋەن ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان پاختىزارلىقلار ۋە توقۇلما شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار قۇل ئەمگەككە سېلىنىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ساھەلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۈەن ۋە ئۇنىڭ پاختا، پەمىدۇر قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئېمبارگو ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ مودا دۇنياسى بارا-بارا تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئۆزگەرتىپ، پاختا مەھسۇلاتلىرىنى باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىشقا يۈزلەنمەكتە.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ تەدبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ھەرقانداق بىر كارخانىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشىنى توسۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىماقتىكەن.